ساھىبخان: دېمىسەممۇ بۇ يەردە نېمە بارلىغىنى بىلىسىز ھەقىچان، شۇنداقتىمۇ بىر بېسىۋەتمەمسىز ....

  •   "ئاخىرىقى فانتازىيە" (final fantasy) بولسا ياپونىيە Square يۇمشاق دېتال تەتقىقات شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتى. بۇ ئويۇن1987- يىلى ئېلان قىلىنغاندىن تا ھازىرغىچە بولغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان نۇسخىلىرى ۋە ئوخشىمىغان ژانىردىكى نەشىرلىرى ئېلان قىلىندى، شۇنداقلا ھازىرقى سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ئويۇن بولۇپ قالدى. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغان بۇ تەرجىمە ناخشا بولسا، مەزكۇر ئويۇننىڭ 2007- يىلى ئېلان قىلىنغان X_II  قىسىمىنىڭ باشلىنىش ناخشىسى، باش پېرسوناژ يۇنا(yuna) نىڭ كونسېرتى.

  •   قۇتلۇق رامزان ئايلىرى يېتىپ كەلدى. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ خاسىيەتلىك ئايدا كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىسى  تەراۋىھ ۋە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇيدۇ. رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىر بىلەن باغلىنىدۇ... بۇ يىلقىدەك ئىسسىق ۋە كۈننىڭ ئۇزاق ۋاقتىدا كەلگەن رامزاننى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ قۇتلۇق ئاينى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىدىكىن؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى... 

  •   كەڭ كارتون فىلىم ھەۋەسكارلىرىغا تونۇشلۇق بولغان ئىككى نادىر كارتون فىلىم naruto بىلەن bleach (خەنزۇچە ئىسمى 死神) نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرۈرمەن ۋە ھەۋەسكارلىرى ئىزچىل ئېشىۋاتىدۇ. 2010- يىللىق دۇنيا كارتون فىلىم كۆرۈرمەنلىرى سىتاستىكىسىدا بۇ ئىككى كارتون فىلىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئەمدى تۆۋەندىكى تورداشلار تەرىپىدىن كىرىشتۈرۈلگەن سىندىن بۇ ئىككى كارتون فىلىمدىكى ئوبرازلارنى بىر ۋەقەلىك ئىچىدە كۆرۈپ باقايلى...

  •  2011-يىللىق E3 ئويۇن يەرمەنكىسىدە، Capcom ۋە Screen Gems رەسمىي ھالدا كومپىوتېر ئويۇنى "decvil may cry" نى كىنو قىلىپ ئىشلەش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر كىنونى ئىشلەشنى "بىئو خېلىمىيە كىرزىسى" نىڭ كېنوسنى ئىشلىگەن خىزمەت گۇرپىسى مەسئۇل بولىدىكەن. فىلىم ۋەقەلىگى مەزكۇر ئويۇننىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 5-قىسمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئويۇننىڭ كەڭ ھەۋەسكارلار ياختۇرىدىغان كلاسسىك ئىلمىنتلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىشلىنىدىكەن.

  •   2011- يىلى باھالانغان تارىختىن بۇيانقى كېنولارنىڭ بېلەت كىرىم رەت تەرتىۋى. 2010- يىلى ئىشلەنگەن «ئاۋاتار» بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. فىلىمنىڭ رېژىسسورى جېمىس. كامېرون «ئاۋاتار» ۋە ئىككىنچى ئورۇندىكى «تىتانىك» بىلەن ئەڭ ئۇتۇق قازانغان رىژىسورغا ئايلانغان. تۆۋەندە بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى يىگىرمىنچى ئورۇنغىچە تىزىلغان كىنولار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

  •   ئاپتومبېل تېيىلدۇرۇش «漂移» غا قىزىقىسىزغۇ دەيمەن، ھوللىۋۇدنىڭ «سۈرئەت ۋە ھاياجان» فىلىمىدىكى ئالاھىدە ماھارەتلەر بولۇپمۇ ئاپتومبېل تېيىلدۇرىدىغان جايلاركىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ... بىراق كېنو دېگەن يەنىلا كېنو، بۈگۈن ھەقىقى ئاپتومبېل تېيىلدۇرۇش ماھارەتلىرىدىن كۆرۈپ بېقىڭلار. ئامېرىكا DC Shoes  ئاياق شېركىتىنىڭ دېرىكتورى  Ken Block مۇ بۇ ساھەدە خېلى داڭلىك كىشى. ئۇ 2005- يىللىق Sno*Drift مۇسابىقىسىنىڭ - يىللىق ئەڭ ياخشى ماھىر مۇكاپاتىغا، 2006 X GamesXII نىڭ ئۈچىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. ئىشقىلىپ بۇ دېرىكتور خېلى نامى بار ئاپتومبېل ماھىرلىرىنىڭ بىرى، ئەمدى ئۇنىڭ ئاپتومبېل ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى...

  •   شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋە سىراج بلوگى ھەمكارلىقىدا كانادا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت» نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قىسمى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەندىن بېرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەم تېزلا كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەلۋەتتە فىلىممۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرخىل يېقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇسى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارغا ئىزچىل ئۆزگىچە ھوزۇر بەرگەچ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى يۇمۇرلۇق ئەمما مەنىسى چوڭقۇر سۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سېلىپ كەلدى، تۆۋەندە نەزىرىمىز داۋاملىق بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن.

  •   مۇبارەك روزا رامزان ئايلىرىغا بىر ئايمۇ قالمىغان مۇشۇ كۈنلەردە ئەنگېلىيە رادىئو شېركىتى (BBC) ئاخىرىقى زامان پەيغەمبېرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىدىغانلىغىنى جاكالىدى. فىلىم نازارەتچىلىگىنى ئەنگېلىيە رادىئو ئىستانسىسىدىن ئاجىر. ئەھمەد ئۆز ئۈستىگە ئالغان، چۈشەندۈرگۈچى يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېنگىلىزچە پىروگرامما رىياسەتچىسى راجار. ئۆمەر ئىكەن.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق